باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

2018.05.23 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-ماي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ نازارەت قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدە خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە شاڭخەي، چىڭداۋ قاتارلىق جايلارنىڭ تاموژنا 1- سېپدىكى خادىملار بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. لى كېچياڭ ئۇلارغا كارخانىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمپورت ۋە ئېكسپورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ۋە تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ مۇھاپىزەتچىسىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىق ئادا قىلىپ، ئەتكەسچىلىككە قەتئىي زەربە بېرىپ، چەت ئەل ئەخلەتلىرى ۋە لاياقەتسىز، خەتەرلىك ناچار مەھسۇلاتلار بولۇپمۇ كارانتىن ئۆلچىمىگە توشمايدىغان «توڭلىتىلغان گۆش يېمەكلىكلىرى»نىڭ دۆلەتكە كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەل مەبلىغى مەھكىمىسىدە چەت ئەل كاپىتالىدىن پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، شۇنداقلا ھازىر مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى پىلانلار بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىمىز بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى پائال ياخشىلاپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى پىشقان تەجرىبىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، جۇڭگونى داۋاملىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىغان، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىشقا تۈرتكە بولىدىغان زېمىنغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئارقىدىن لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خىزمەت دوكلاتى بەردى. لى كېچياڭ سودا ئىشلىرى ۋە تاموژنا سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش ئۆتكەن 40 يىلدا ئىسلاھاتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بىزنىڭ زۆرۈر ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىز. تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەممىسىگە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېچىۋېتىشتە دۇچ كەلگەن خەلقئارالىق مۇھىتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئەندىزىسى، ئىستراتېگىيەسى ۋە تەدبىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر