سۈرەتتە: ئىشچىلار شېنياڭدىكى خۇاچېن باۋما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىزمەت قىلماقتا (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھارنىڭ ئىككىنچى ئېيىدىكى خەينەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنياغا، «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكى تاقالمايدۇ، بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ»، دەپ جاكارلىدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش باياناتى پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قاتماللىق قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ؟، تىركىشىش كېرەكمۇ؟ يەنىلا ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ؟ 15 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا يىلتىز تارتقان دۇنيا ئاپتوموبىل ماگناتى BMW گۇرۇھى ئۆزىنىڭ «مەبلەغ سېلىپ ھالەت ئۆزگەرتىش» جەريانى ئارقىلىق، دۇنياغا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ھېكايىسىنى بايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى