باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق ساغلام جۇڭگو سەپىرى تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

2018.05.22 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق ساغلام جۇڭگو سەپىرى تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. يۈزدىن ئارتۇق داۋالاش خادىمى، جەمئىيەتتىكى تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش» بولۇپ، ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، 2018-يىللىق ساغلام جۇڭگو سەپىرى پائالىيىتىنى سەھىيە، تەنتەربىيە، مائارىپ قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە باش بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، خادىملارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىشقا تەشكىللەپ، ئامما ۋە ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلاملىق بىلىملىرى لېكسىيەسى، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى، ئاساسىي تېمىلىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان، قاتنىشىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۇسۇللاردا ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: ساغلام جۇڭگو سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، بۇ جەرياندا كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئاممىغا ساغلاملىق يەتكۈزۈلۈپ، ئامما ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ماركىلىق پائالىيەتكە ئايلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، «ئۈچنى ئازايتىش، ئۈچنى ساغلاملاشتۇرۇش»، قۇياش نۇرى تەنتەربىيەسى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق مەزمۇندىكى مۇناسىپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىنى قاپلاش، ساغلاملىقنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەر بىر كىشىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىغا ھەمدەم بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر