باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھاۋا ئىللىيدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالىدۇ

2018.05.22 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى، بىر كېچە ياغقان سىم-سىم يامغۇردىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاستا-ئاستا ئىللىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا يەتتە سېلسىيە گىرادۇس بولغان.

  بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىللىيدىكەن، چارشەنبە كۈنى تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن، بىراق ئەتىگەن ۋە كەچتە يەنىلا بىر قەدەر سالقىن بولۇپ، ئاھالىلەر كىيىنىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. پەيشەنبە كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، ھەتتا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا بەش بال شەرق شامىلى چىقىپ، بەزىبىر رايونلاردا قۇم بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر