باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2018.05.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 23-ماي چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەپتىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنى تەشكىللەش پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى زور تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئىقتىسادىي تەپتىشنى قاتتىق قىلىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مالىيە-ئىقتىساد تەرتىپىنى قوغداش، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەتنى بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت ئاڭ»نى تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىشتىكى قاراڭغۇ رايوننى تۈگىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت جەريانىدىكى ھەر خىل خېيىم-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئاشكارىلاش سالمىقى، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر