- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ
2018.05.22 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ قاناسقا ساياھەتكە بېرىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى-قاناس لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6613/4 بولۇپ، بوئىېڭ 737-800 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچىدىكەن. بېرىش-كېلىش ئورۇندۇق سانى 360 دىن ئارتۇق بولۇپ، CZ6613 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى سائەت 08:20 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن قاناسقا ئۇچۇپ، 09:45 ئۆتكەندە قاناسقا قونىدىكەن. CZ6614 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى سائەت 10:35 ئۆتكەندە قاناستىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇپ، 11:50 دە ئۈرۈمچىگە قونىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر