باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: ئالدىنقى تۆت ئايدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن % 18.4 ئاشتى

2018.05.25 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، پايدىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كىرىمدىن 8.7 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان، پولات-تۆمۈر، نېفىت-خىمىيە، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشقان.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 17 تىرىليون 500 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %9.7 ئاشقان. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 5 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن % 18.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 692 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %19.1 ئاشقان؛ يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 312 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %16.9 ئاشقان.

  4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 166 تىرىليون 811 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %9.9 ئاشقان؛ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 108 تىرىليون 484 مىليارد 290 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن % 9.2 ئاشقان؛ ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى 58 تىرىليون 227 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %11.1 ئاشقان.

  ئاساسىي كەسىپلەرنىڭ پايدا ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پولات-تۆمۈر، نېفىت-خىمىيە، كۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن بىردەك يۇقىرى بولغان. رەڭلىك مېتال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر