خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ماي خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 13-قېتىملىق كاتىبات يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، ھەمكارلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىش ئەمەلىيىتىنى موللاشتۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى، سىرتقا تارقىلىشىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەزالار كۆپەيگەندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدىنى زىممىسىگە يۈكلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىبات يىغىنى مېخانىزمى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ھەمدەم بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۈچ خىل كۈچ»، زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت قاتارلىق كەسكىن خىرىسلارغا يەنىلا دۇچ كەلمەكتە. بۇ بىزدىن كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىشنى، توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەرتەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان خەۋپسىزلىك تۈزەش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم، مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆز خەۋپسىزلىكىنى رايون خەۋپسىزلىكى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى