خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پىدائىيلار ۋەكىللىرى سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمىدا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بايرىقىنى نامايان قىلماقتا.
شۇ كۈنى، 2018-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى پىدائىيلىرىنىڭ ئاتلىنىش مۇراسىمى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى. تەخمىنەن 2000 نەپەر يىغىن پىدائىيلىرى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلارنى توشۇش، تەرجىمانلىق قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك پىدائىيلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ پىدائىيلار جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق چىڭداۋدا تۇرۇشلۇق 10 ئالىي مەكتەپلەردىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدىن تاللانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى