باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى جاڭ يىموۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بەردى

2018.05.22 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى 20-ماي ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق رېژىسسور جاڭ يىموۋغا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە سەنئەت پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

  بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى روبېرت بروۋىن ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان تەخمىنەن 7000 ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا جاڭ يىموۋنىڭ سەنئەت ھاياتى ۋە ئۇنىڭ كىنو، ئوپېرا، بالىت تىياتىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئويۇن قاتارلىق كۆپلىگەن سەنئەت ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ: «جاڭ يىموۋنىڭ كىنو ئەسەرلىرى ‹جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئېچىپ بېرىشلا بولماستىن، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتى ۋە ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر كۆزنەك›»، دېدى.

  بروۋن يەنە نۇقتىلىق قىلىپ، جاڭ يىموۋنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كېچىلىكىگە قوشقان سەنئەت تۆھپىسىنى تەرىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمى دۇنيادا تەڭداشسىز گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. بۇ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا، سىز (جاڭ يىموۋ) يەنە بىر قېتىم كۆزنى قاماشتۇردىڭىز.» جاڭ يىموۋ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدىكى «بېيجىڭنىڭ سەككىز مىنۇتى» فىلىمىنىڭ باش رېژىسسورى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر