خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان شېنجېن شەھىرىنىڭ مەركىزى.
بىر شەھەر بىر دەۋرنىڭ جەۋھىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملىدى؛ بىر پارتىيە بىر داغدام يولنى يېتەكچىلىك قىلىپ ئاچتى. شېنجېن شەھىرى خۇددى سېھىر ئىشلىتىلگەندەك 40 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، نامسىز چېگرا رايوندىكى كىچىك بازاردىن 20 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان زامانىۋى خەلقئارا شەھەرگىچە جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا مۆجىزىلەرچە قەد كۆتۈرۈپ، پارلاق نۇر چاچتى. زادى نېمە شېنجېننى ياراتتى؟ دەل ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش مەۋج ئۇرغان باھار شامىلى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش قويۇپ بەرگەن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ شېنجېن شەھىرىنىڭ مىسلىسىز ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى