باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە 1- پەسىللىك ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈشى:

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدە يېڭىلاش ۋاقتىدا بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا

2018.05.21 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا،«ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە 2018- يىلىنىڭ 1- پەسلىدىكى ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، قوش يۆنىلىشلىك نازارەت قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %95كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن ئالتە تور بېكىتىنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بولدى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن تۆت تور بېكىتى ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3- شىسى تۇمشۇق شەھىرى» تورى (تور بېكىتىنى پەرقلەندۈرۈش كودى: BT03000040)نىڭ بىر قانچە سەھىپىسىدە ئۇزاق مۇددەتكىچە يېڭىلاش بولمىغانلىق ئەھۋالى بايقالغان. شۇ سەۋەبىدىن، ئۇ تور بېكىتى بۇ قېتىم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانغان ھۆكۈمەت تورلىرى دەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 14 تور بېكىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولىشىچە، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن يەنە ئىككى تور بېكىتىدە «ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش يوللىرى راۋان بولماسلىق» مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن. يەنى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سەھىيە ئىدارىسى»نىڭ تور بېكىتىدە، «ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىكى خاتالىقلارنى تاپىمەن» دېگەن نامدىكى نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش سۇپىسىغا "كىرىش ئېغىزى" قويۇلمىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «قەشقەر ئالاھىدە رايونى ئۇچۇر تورى»دا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش سەھىپىسى يوق ئىكەن.

  2018- يىلىنىڭ 1- پەسلىدە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ۋە مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشخانىسى جايلاردىكى 303 ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى خالىغانچە سۈنئىي ئارىلاپ تەكشۈردى، جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلار شۇ رايۇن ۋە شۇ تارماقتىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن 11 مىڭ 639نى ئارىلاپ تەكشۈردى. بۇلار ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تور بېكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ قېتىمقى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، جەمئىي 272 مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 196 كىشى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورۇنلار تەرىپىدىن سۆھبەتكە چاقىرىلدى، 29 كىشى يازما تەكشۈرۈش ھازىرلىدى، 35 كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەندى، 12 كىشى ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلدى ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. دېمەك، بۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى خىزمىتىنىڭ يىللىق دوكلات جەدۋەللىرى ئەھۋالىغا ئىنكاس قايتۇردى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى يەنە «ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قوللانمىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، «ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يىللىق دوكلات جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي 23 مىڭ 27 ھۆكۈمەت تور بېكىتى «ھۆكۈمەت تور بېكىتى خىزمىتىنىڭ يىللىق دوكلات جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى، بۇلار ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %99ىنى ئىگىلىدى. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە قىلىنغان سىتاتىستىكا ئەھۋالدىن قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتە ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن 23 مىڭ 269ى بار بولۇپ، ئۇلارنى 2017- يىلىنىڭ 1- پەسلىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاز كەم يېرىمى ئازايتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن 1645ى بار بولۇپ، ئۇلارنى 2017- يىلىنىڭ 1- پەسلىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %90 ئازايغان.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى پۈتۈن يىل بويىچە ھەرقايسى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى تۈرلۈك تورداشلارنىڭ 34 مىليون پارچە قالدۇرما تەكلىپ پىكىر سۆزلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېجىرىلىش نىسبىتى %98كە يەتكەن؛ «ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىكى خاتالىقلارنى تاپىمەن» ناملىق سەھىپىسى 1- پەسىلدە تورداشلار تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئۈنۈملۈك تەكلىپ پىكىر سۆزلەردىن 13 مىڭ 542 پارچە تەكلىپ پىكىر سۆزلەرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي بېجىرىلىش نىسبىتى %99گە يەتكەن؛ 2017- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى 345 مىليونغا يەتكەن، ئېلان قىلىنغان چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرى 860 مىڭغا يەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جامائەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مىليون مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر