باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30لېكسىيە» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

2018.05.18 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە» ناملىق كىتاب 17- ماي ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى.

  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە» ناملىق كىتابتا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-، 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسى چۆرىدىلىپ، 30مەخسۇس تېمىغا ئايرىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى تىكلەندى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللىكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر