سۈرەتتە: شېنياڭ شىنسۇڭ ماشىنا ئادەم شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سانائەت ماشىنا ئادىمى (2017-يىلى 6-ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلغار ياساش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىز جابدۇقچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىدىكى زۆرۈر يولى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىق كەسپى، بولۇپمۇ ئىلغار ياسىمىچىلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇكەممەل بولغان كەسىپ سىستېمىسى، پۇختا بولغان ياساش ئاساسى ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى غايەت زور ئىچكى بازار ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى ئەگىشىپ يۈگۈرۈشنى ئاساس قىلىشتىن، ئەگىشىپ يۈگۈرۈش تېزلىتىلگەن، تەڭ يۈگۈرۈش كۆپەيتىلگەن، يېتەكلەش بەس- بەستە مەيدانغا كەلگەن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى