باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تىرىشپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

2018.05.16 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 15- ماي چۈشتىن بۇرۇن مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى دەل توغرا ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ چىشەن يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى يولىدا مېڭىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆپەيدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. بىز خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى دەل توغرا ئىگىلەپ، ھەم جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز ھەم ئىلگىرىلەش يولىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ- خەتەر، خىرسىلارنى كۆرۈپ يېتىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ-چوڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىر ى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە تەرەققىي قىلىپ، ھەقىقىي خەلقئارا ھەمكارلىققا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق مەنزىلىنى پىلانلاپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، كېڭىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا يېراقنى كۆزلەپ پۇختا قەدەم بېسىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر