باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك

ئالاقىدار تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىكتە ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى

2018.05.15 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدىكى 24 ئاكادېمىكى 2017-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى تەخىرسىز ئارزۇسى، پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم دەرھال مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشىنى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شياڭگاڭ بىر قەدەر كۈچلۈك پەن-تېخنىكا ئاساسىغا، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان يۇقىرى ساپالىق پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. ئۇزاقتىن بۇيان، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسى شياڭگاڭ ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشىنى قوللاپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ئەۋزەللكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇش − شياڭگاڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكلار خېتىدە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، كونكرېت سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي پەن-تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شياڭگاڭنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن تەتقىق قىلدى ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي، تېز، ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر