باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قەدىمىنى تېزلەتتى

2018.05.14 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋانىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسى قۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، 2020 – يىلىغىچە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرگە باشلامچى ئىختىساسلىقلاردىن 150 مىڭنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق قوللاپ، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 30نى، ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسىدىن 100نى قۇرىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار 139 مىڭ 500گە يەتتى، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، زور بىر تۈركۈم ئۇستا ھۈنەرۋەن ۋە بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە باشلامچى ئىختىساسلىقلار مەيدانغا كەلدى. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار بازىسىدىن 11ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار بازىسىدىن 21ى قۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلاردىن 85 مىڭ 80 كىشى تەربىيەلەندى؛ دۆلەت دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسىدىن 11ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسىدىن 66سى قۇرۇلۇپ، تەربىيەلەنگەن يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار 5032گە يەتتى، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش تۈرىدىن 258ى ئورۇندىلىپ، ھەر خىل كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە 94 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايون يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن، 2020 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلاردىن 150 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كارخانا ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە تايىنىپ يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 30نى قۇرۇپ، ھەر بىر بازىغا 2 مىليون يۈەن؛ ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسىدىن 100نى قۇرۇپ، ھەر بىر ئىشخانىغا 100 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، باھالاش، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار دەرسلىك تەتقىقاتى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى نۇقتىلىق قوللىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر