خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراقتىن سېزىش ۋە ۋە رەقەملىك يەر شارى تەتقىقات ئورنىدىن ئۇقۇشۇمچە، بۇ ئورۇندىكى خې گوجىن تەتقىقات ئەترىتى يېقىندا خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ دۇنيا بويىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىر كېلىدىغان «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»نىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئېلان قىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى» پۈتكۈل يەر شارى ۋە رايوننىڭ كاربون ئايلىنىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا زۆرۈر بولغان مۇھىم پارامېتىرلارنىڭ بىرىكەن، سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى چوڭ ھەجىمدىكى «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»نىڭ تارقىلىش ئۇچۇرىغا تېز سۈرئەتتە ئېرىشىشنى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇماتى ئاساسىدا ئېرىشكەن يەر شارى دائىرىلىك «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»غا ئالاقىدار ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بوشلۇق ئېنىقلىق دەرىجىسى 250 مېتىردىن ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك بىر گىرادۇسى(تەخمىنەن 100 كىلومېتىر)غىچە ھەر خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى 2018-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلغان پۈتكۈل يەر شارىدىكى «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى» مەھسۇلاتىنىڭ بوشلۇق ئېنىقلىق دەرىجىسى 250 مېتىركەن، ئىلگىرىكى بوشلۇق ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دۇنيا بويىچە «ئورمىنى كۆيۈپ كەتكەن يەر» يىراقتىن سېزىش مەھسۇلاتى ھېسابلىنىكەن.
خې گوجىن ئەترىتى دۆلەت نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش پىلان تېمىسى «چوڭ ئۆلچەملىك پۈتكۈل يەرشارى ئۆزگىرىشىدىكى سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرىنى تېز ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى»نىڭ مەدىتى بىلەن، ئىككى يىلغا يېقىن پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتى ئاساسىدا دۇنيا بويىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى» ۋە «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»دىن باشقا يەر ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرغان، شۇنداقلا ماشىنىغا ئۆگىتىش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بويىچە «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»نى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئاپتوماتىك ئايرىپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئاخىرى خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ دۇنيا بويىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىرلىق «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى» مەھسۇلاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئەترەت يەنە «يۇقىرى ئېنىقلىق __1 »، جۇڭگو-بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى 4- قاتارلىق جۇڭگودا ئىشلەنگەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە دەلىللىگەن، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا تۇنجى ئېلان قىلىنغان دۇنيا بويىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىر كېلىدىغان «كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى»نىڭ تارقىلىش خەرىتىسى يىراقتىن سېزىش مەھسۇلاتىنىڭ ئومۇمىي ئېنىقلىق دەرىجىسى %93.92 بولغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى