باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى

2018.05.09 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ماسلىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۈرتكىسىنى يېتىشتۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، بىلىم، تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش ۋە باراۋەرلىككە تۈرتكە بولۇش، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىي پىرىنسىپى بېكىتىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، خىزمىتىگە ئۆمۈرلۈك سىڭدۈرۈلگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، تەربىيەلەش ئوبيېكتىنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەش بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋاسىتىسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى سەرخىللاشتۇرۇش، تەربىيەلەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇپ، تىرىشىپ زور كۆلەملىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە مىليونلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر