باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن «4-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى»دە پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە تۆھپە قوشۇشقا ۋەدە بەردى

2018.05.08 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 7-ماي موسكۋا ۋاقتى سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى موسكۋادىكى كىرېمل سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. روسىيە زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە زۇڭتۇڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ساينت گېئورگې زالى ۋە ئالېكساندىر زالىدىن ئۆتۈپ، ئاندرېيېۋ زالىغا كەلدى، ئاندىن روسىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى ۋە زۇڭتۇڭ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان زۇڭتۇڭ گېربىنى تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ كەلدى.

  پۇتىن 33 سۆزلۈك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمىنى ئوقۇدى. كىرېمل سارىيىنىڭ يېقىملىق قوڭغۇراق ساداسى، رۇسىيەنىڭ تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى، 30 پاي ھۆرمەت توپىنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى ياڭرىدى، كىرېمل سارىيىدىكى زۇڭتۇڭ قەسرىنىڭ كۆكىدە لەپىلدەۋاتقان زۇڭتۇڭ بايرىقى ئاستىدا، پۇتىن 4-قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتەش مۇددىتىنى باشلىدى.

  رۇسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋالېري زوركىننىڭ رىياسەتچىلىكى، رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋالېنتىنا ماتۋىيېنكو ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىننىڭ گۇۋاھلىقىدا، پۇتىن ئوڭ قولىنى فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇن تېكىستىگە قويۇپ قەسەمنامىنى ئوقۇدى. پۇتىن جاراڭلىق ئاۋازدا: «مەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق زۇڭتۇڭى نامى بىلەن قەسەم بېرىمەنكى، ئىنسانلار ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيمەن ۋە قوغدايمەن، رۇسىيەنىڭ فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىغا رىئايە قىلىمەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدايمەن، خەلققە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىمەن.»

  پۇتىن قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن خىزمەتكە چۈشۈش نۇتقىدا ئۆزىنىڭ رۇسىيە دۆلىتى ۋە خەلقى ئالدىدا ئۈستىگە ئالغان زور مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە «بارلىق كۈچىنى دۆلەتنىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەن كەلگۈسىگە بېغىشلاش»نى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پۇتىن «ۋەتەن ۋە خەلققە خىزمەت قىلىش»نى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانى قىلدى ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «رۇسىيە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشات بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى يەنە خەلقنىڭ سايلام جەريانىدا ئۆزىنى سەمىمىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر