خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشخانىدا ئوت ئۆچۈرۈش تەقلىدىي تەجرىبىسى، كۆيۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش . . . 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكى تەسىراتى زالى (جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەسىرات سارىيى» دېيىلىدۇ) رەسمىي قۇرۇلدى، 6-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ بىخەتەرلىك-قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.
تەسىرات سارىيى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2-بىرلەشمە خىزمەت بىناسى 7-بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋەت سول تەرىپىدىكى زالغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىر، ئاساسلىق فۇنكسىيەسىگە قارىتا: قىزىل كىرېست ھەرىكىتى ئاساسىي بىلىملىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش، يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە ئائىلە بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەت ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار كۆرۈنۈشلەرنى سىناش، بىلىملەردىن سوئال-جاۋاب، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆگىنىدۇ ۋە مەشىق قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ناۋادا ئورۇنلار ياكى شەخىسلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئىختىيارلىقى بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن. (تېلېفون: 4614502، 4614503)، تەسىرات سارىيى ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە 25 ئادەم قوبۇل قىلالايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى