باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلى بابا گۇرۇھى پاكىستان ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىنى سېتىۋالدى

2018.05.09 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ماي، پاكىستاننىڭ داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى Daraz ئۆزىنىڭ ئەلى بابا گۇرۇھى تەرىپىدىن تولۇق سېتىۋىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىغا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. Daraz شىركىتى 2012- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر تەرەققىي قىلىپ پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور سۇپىسىغا ئايلاندى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پاكىستاننىڭ ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، پاكىستان ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئەلى بابا گۇرۇھى ئۆزىنىڭ تېخنىكا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆچمە چىقىم ۋە ئەشيا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە تەجرىبىلىرى جەھەتتە پاكىستان كارخانىلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولماقچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر