باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەشۋىق قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ

2018.05.09 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچقان. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى چېن باۋشېڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈدىغان تۇنجى يىل، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ «ئالغا ئىلگىرىلەش» سەھىپىسىنى پۈتۈدىغان ھەل قىلغۇچ يىل، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تارىخقا، خەلققە مەسئۇل بولۇش يۈكسەك ئاڭلىقلىقى بىلەن، روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بىخەتەر، پۇختا، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي تۇرغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى تارىخىي يۆنىلىشتە تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئوبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، «تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىدە «مۇداپىئەلىنىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈم، تېخنىكا، خادىم جەھەتتىن ياخشى مۇداپىئەلىنىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە «مۇھىم نۇقتا»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، تارماقلار ماسلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھەرىكەت، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايونلارنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ جازالاپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشتا «قاتتىق» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەيدانغا كىرىش ئۆتكىلى، نازارەتچىلىك ئۆتكىلى، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، قوبۇل قىلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. جامائەت پىكرى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتا «تېز» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەنى تېز بايقاش، تېز ھۆكۈم قىلىش، تېز بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەشۋىق قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، بايقالغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «پۇختا» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «1-قول»نىڭ ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئىمتىھان مەيدانى، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئامما پاش قىلغان ئىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر