باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىز ئۆيۈمنىڭ تايانچىسى

2018.05.08 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ماي، شىخو شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يۈ لىيىڭ يېڭى شەھەر رايونى كوچا باشقارمىسى ۋېنجىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق تۇغقىنى تولغان خاقاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۆيگە ئەمدى كىرىشى بىلەنلا، تولغاننىڭ ئوغلى ئۆركەن سېرىك يۈگرەپ كېلىپ، يۈ لىيىڭنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: «ئاپا، مېنى كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇتقىنىڭىزغا رەھمەت. ھازىر خىزمەتكە چىقتىم، بۇ ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالدىم»، دېدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، يۈ لىيىڭ خان ئوردىسى بازىرى شىچياۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى تولغان بىلەن تۇغقانلاشتى. تولغان يەر ھۆددىگە ئېلىشتىن كىرگەن ئازغىنە كىرىمى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، قىزى مەدىنە ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان، چوڭ ئوغلى ئۆركەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇمىغان. كىچىك ئوغلى بايلاس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. يۈ لىيىڭ ئالدى بىلەن مەدىنەنى شىخو شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۆركەننى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنى تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو كەسپىي تېخنىكومىغا كىرىپ، ئاپتوموبىل رېمونت كەسپىنى ئۆگىنىشكە تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ يىل، مەدىنە شىنجاڭ «تيەنخوڭ جىيې» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە خىزمەت ئالمىشىپ، سېخنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلاندى. ئۆركەن قارامايدىكى بىر ئاپتوموبىل رېمونتچىلىق شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىدى، ھەدە-ئىنى ئىككەيلەن بىر ئايدا 7000 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  يۈ لىيىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، تولغان ھازىر بىر ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى شىركىتىگە بېرىپ، تازىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت ئىشلەشتىكى ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. يۈ لىيىڭ يەنە تولغان ئائىلىسىگە شەھەر رايونى ئىچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىپ بەردى.

  تولغان مۇنداق دېدى: «سىز بىزنىڭ ئۆينىڭ تايانچىسى، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بىلەن، ئۆيىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارا-بارا ياخشىلاندى.» يۈ لىيىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى ھەدە-سىڭىل بىرلىشىپ كۈچ چىقارساقلا، كۈنىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر