باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: كېلەر يىلى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقارتىلىدۇ

2018.05.08 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ يەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ھازىر، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشتا يەنىلا ئۈنۈم تۆۋەن، ھالقا كۆپ، ۋاقىت ئۇزاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. خۇاڭ يەن مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى 2-ماي قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، بۇ يىل نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلاردا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقىنى قىسقارتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىرقى ئوتتۇرىچە 200 نەچچە خىزمەت كۈنىدىن 120 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىپ، كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مەملىكەت بويىچە بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى.

  خۇاڭ يەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمىنىڭ بارلىق تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ، بىر تۇتاش تەستىقلاش تەرتىپى بەرپا قىلىش، تەستىقلاش ھالقىسىنى ئىخچاملاش، تەستىقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «قۇرۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقىتنىڭ يەنە يېرىمىنى قىسقارتىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ نۇقتىدا سىناق قىلغان جايلارنىڭ تەجرىبىسىنى ۋاقىتىدا خۇلاسىلەپ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ 2020-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر