باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭداۋ تاموژنىسى 1 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل ئەتكەسچىلىك چوڭ دېلوسىنى پاش قىلدى

2018.05.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭداۋ تاموژنىسى يېقىندا، ئادەتتىكى ماللار ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى دېلونى رازۋېدكا قىلىپ دېلو تۇرغۇزدى، دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىل سانى 1600 دانە، چېتىشلىق سوممىسى 1 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق يەتتە جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى.

  دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلۈشىچە، جىنايەت گۇماندارى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ياۋروپادىن لەندروۋېر، بېنتلىي، پورشې (پورسچى) قاتارلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىپ، مالىيە خادىملىرىنى ھەقىقىي باھادىن %10 ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەن قىلىپ ساختا ئىمپورت توختامى تۈزۈش، تالون قاتارلىق تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئىشلىرىدا ساختىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلغان. جىنايەت گۇماندارى نورمال تاشقى پېرېۋوت چىقىم قىلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەن مەلۇم قىلغان بىر قىسىم مال پۇلىنى باشقا غەيرىي نورمال يوللار ئارقىلىق چەت ئەل تەرەپكە تۆلىگەن. باجدىن قاچۇرۇش ئارقىلىق ئەكىرگەن ئەتكەس ئاپتوموبىللار دۆلەت ئىچىدە سېتىلغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو ھازىر يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر