باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2018.05.08 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  جاڭ شاۋچۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  جاڭ شاۋچۈن، ئەر، خەنزۇ، 1958- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ كۈەنديەنلىق، 1978- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1975 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شەرقىي شىمال مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە فاكۇلتېتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەن، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان.

  1988- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى دىجورنىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپى بولغان، 1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالىيە مىنىستىرلىكى بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەھكىمە باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپى بولغان، 1998- يىلىدىن 2003- يىلى 9- ئايغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نىزام-قانۇن مەھكىمىسى، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 2003- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 11- ئايغىچە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2006- يىلى 11- ئايدىن 2013- يىلى 4- ئايغىچە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2013- يىلى 4- ئايدا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر