باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپنۇر ياۋا تۆگىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا ساياھەت-ئېكسپېدىتسىيە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2018.05.08 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەتىياز پەسلى دەل ياۋا تۆگىنىڭ تۆللەش مەزگىلى بولۇپ، ئادەملەر پائالىيىتىنىڭ ياۋا تۆگىگە دەخلى يەتكۈزۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ مۇھاپىزەت رايۇنىغا كىرىپ ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنغان.

  باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا ساياھەت-ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق ئىنسانلار پائالىيىتى قىلىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق بەلگىلەندى: ھەرقانداق ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئورۇن ياكى شەخىسلەرنىڭ مۇھاپىزەت رايۇنىغا كىرىپ ساياھەت، ئىكىسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ لوپنۇر ياۋا تۆگىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىنىڭ قۇمتاغ قۇملۇقى، ئاچىك جىلغىسى، «1-ئاۋغۇست» بۇلىقى قاتارلىق ياۋا تۆگىنىڭ سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ماكانى ۋە ئاساسلىق تۇرىدىغان ماكانىدا ئادەملەرنىڭ پائالىيەت قىلىشى چەكلىنىدۇ.

  كىشىلەر مۇھاپىزەت رايۇنىغا كىرىپ ئۆز ئالدىغا ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا، بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مۇھاپىزەت رايۇنىغا كىرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا، چوقۇم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىدىن كېيىن، باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا قوغدىلىدىغان رايونغا كىرسە بولىدۇ.

  شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى بولسا نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق تۈرلەردىن ياۋا تۆگىنىڭ گېن ئامبىرى بولۇپ، تەبىئىيلىكىنى ساقلاپ مۇھىت ئاسراش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئېكولوگىيە ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ياۋا تۆگىنىڭ تۆللەش مەزگىلىدە، ناۋادا بىرەر ئادەم ياكى ئاپتوموبىل قاتارلىقلار يېقىنلاشسا، ئانا تۆگە ياكى تۆگە توپى قورقۇپ دەرھال قېچىپ، بوتىلاقلىرى سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، ئانا تۆگە تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر