5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، شەھەر ئاھالىلىرى قايتىدىن قېلىن كېيىنىپ سىرتقا چىقتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىر گرادۇسقا چۈشتى. يامغۇر، قار ۋە يامغۇر ئارىلاش قار دېگەندەك ھاۋارايى ئۈرۈمچىدە «ئىستېرېئولۇق ھالدا تەكرار كۆرۈلدى».
ھەپتە ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ھاۋا ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئەمما دۈشەنبە كۈنى قار ۋە يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى قايتىدىن قېلىن كېيىنىپ سىرتقا چىقتى.
شۇ كۈنى سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق قاردىن مۇداپىيەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. چۈشتىن بۇرۇن قار يېغىپ، كۆپ قىسىم رايونلاردا تەخمىنەن 12 مىللىمېتىردىن قېلىن قار ياغىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
مۆلچەرلىنىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىمۇ بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 5- ئاينىڭ 7- كۈنى كۈندۈزىدىن كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى تاغ رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا 4~5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋانچىڭدىن باشلاپ تۇرپان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 30 چاقىرىملىق شاماللىق بۆلىكىدە، ھەمدە تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىن قومۇل شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقىدىكى 100 چاقىرىملىق شامال ئېغىزلىرىدا 9~10 بال ياكى 11~12 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 3 سىلسىيە گرادۇستىن 4 سىلسىيە گرادۇسقىچە بولىدىكەن. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدا 7 بال قىيپاش شىمال شامىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئويمانلىقنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا چاڭ-توزان، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
5- ئاينىڭ 8- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋانچىڭدىن تۇرپان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 30 چاقىرىملىق شاماللىق بۆلىكى، تۇرپان شەھىرىىڭ پىچان ناھىيەسىدىن قومۇل شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقىدىكى 100 چاقىرىملىق شاماللىق بۆلىكى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا 7~8 بال بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىسمىدا 4~5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئويمانلىقنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا چاڭ-توزان ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن. 5- ئاينىڭ 9- كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا بەزىدە ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، جۇدۇنلۇق بوران ۋە ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى، باغ-ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا خېلىلا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش زۆرۈر ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى