باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.05.08 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىرىك پىلانى»نى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان»دېيىلدى) بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن-نىزام چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كۈچەپ سىڭدۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشتا يۆنىلىشنىڭ تېخىمۇ روشەن، تەلەپنىڭ تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىرلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئەخلاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىنتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قانۇن-نىزامغا سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قىممەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىغا جەزمەن ئەمەل قىلىش شەرت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر