باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇدا ئالاقىدار ئورگانلارنى رەزىللىككە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بولدى

2018.05.08 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش ئۈچۈن، گۇاڭجۇ شەھەرىدە قارا قوللار- رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مۇكاپاتلىق پاش قىلىشنى باشلىدى. يېقىندا ئېلان قىلغان «گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشىنى مۇكاپاتلاش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا ئاساسلانغاندا، رەزىللىككە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئامما ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

  مەزكۇر «چارە»دە، سىياسىي بىخەتەرلىككە، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى كونترول قىلغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، پۇقرالارغا زۇلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن «كەنت زومىگىرى» قاتارلىق 17 خىل ئاساسلىق ئەھۋال كۆرسىتىلگەن. مۇكاپاتلىق پاش قىلىشتىكى مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى دېگىنىمىز، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن، ھەمدە رەزىللىكلەرگە چېتىشلىق تەشكىلات ۋە كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. رەزىللىككە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى پاش قىلغان، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەھقىقلەنگەن، ھەم شۇنداقلا ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان، ھەمدە قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق بولغان دېلولارنى پاش قىلغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلىنىدۇ؛ رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنى پاش قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ 2000 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر