خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-ماي كەچتە، جاكارتادا ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كاللا بىلەن بىللە جۇڭگو-ھىندونېزىيە سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى ۋەكىلى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2013-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى پىلانلىدى. ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، جۇڭگو- ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى، ئىقتىساد-سودا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ مول نەتىجىلىك ساھە.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىم ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىشىمدىكى مەقسەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى