خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بوگور زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ جوكوغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئۆزئارا مۇھىم قوشنا دۆلەت، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە، ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە بۇ رايوندىكى مۇھىم دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات يولىدا ئورتاق ئىزدىنىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، رايون ھەتتا دۇنيادا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى