باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.05.09 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ماي كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيمەن. ئىككى تەرەپنىڭ مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بېيجىڭدا ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، دىققەتنى ھەمكارلىشىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئەزەلدىن جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۇل تاش بولۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ كەلدى. ئالدىنقى ھەپتىدە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بېيجىڭدا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا سەمىمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىجادىي كېڭەشتى. ئىككى تەرەپ ئۆمىكى ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر