باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىدە 34 نەپەر «مەسىلىسى بار كادىر» قايتا تەربىيە قوبۇل قىلدى

2018.05.08 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاقسۇ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شۈ XX مۇنداق دېدى: «كۆڭلۈم ناھايىتى مۇرەككەپ، كۈچلۈك غۇرۇرنىڭ بېسىمىدىن نەپەس ئالالمىغىلى ئاز قېلىۋاتىمەن، مەن ئائىلەمدىكىلەر، ئەتراپىمدىكى دوستلۇرۇم، خىزمەتداشلىرىم، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەنمۇ ئۇلارغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيمەن.»

  ئاقسۇ شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرى لى XX مۇنداق دېدى: «خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئىستىلى چېچىلاڭغۇ بولۇش، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇش، ئەستايىدىل بولماسلىق، ئاكتىپ بولماسلىق، پائال بولماسلىقتەك كەمچىلىكىم <ئوچاققا چۈشۈپ تاۋلىنىش>قا كېلىشىمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەن پۇشايمان قىلدىم.»

  4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، 1-قاراردا قايتۇرۇپ كېلىنىپ باشقۇرۇلغان «مەسىلىسى بار كادىر»لار ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىگە كېلىپ، «15 كۈنلۈك» يېپىق شەكىلدىكى «ئوچاققا چۈشۈپ تاۋلىنىش» تەربىيەلەپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلدى. يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ئاقسۇ شەھىرى بويىچە ھازىرقى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى قايتۇرۇۋېلىش-باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى توغرا، ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان، خىزمەت تەرتىپىدە ئارقىدىكى كادىرلار «نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى» شەكلىدىكى باشقۇرۇش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ. «نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى» بويىچە باشقۇرۇپ تەربىيەلەشتە «100 نومۇرلۇق تۈزۈم» قوللىنىلىدۇ، 70 نومۇردا لاياقەتلىك بولىدۇ ھەمدە يېپىق مەزگىلدە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، روھىي قىياپەت، نەزەرىيە بويىچە تەكشۈرۈش مىقدارلاشتۇرۇلۇپ، لاياقەتسىز بولسا يەنە «قايتۇرۇلۇپ باشقۇرۇش»نى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، «قايتۇرۇۋېلىش»تا يېپىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، قاتتىق بولغان رۇخسەت سوراش ۋە ئۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە قاتتىق مەشغۇلات ۋاقتى بار ئىكەن. تەربىيەلەش مەزمۇنى ھەربىي مەشىق ۋە دەرسخانا تەربىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن، دەرسخانا تەربىيەسىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ باشقۇرۇش-تەربىيەلەش نومۇرىنى تەكشۈرۈش-باشقۇرۇش چارىسى»، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا جاپالىق ئورۇنلاردا بىر يىللىق چېنىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ مەزگىلدە «قەرەللىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، قەرەللىك رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈپ سىنىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قايتۇرۇۋېلىنغان» كادىرلارنى يىللىق باھالاشتا ئىلغار دەپ باھالاشقا، ئىككى يىل ئىچىدە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. ئەگەر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ياكى لاياقەتسىز بولغان بولسا، تەشكىل تەرىپىدىن ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، خىزمىتىدىن بوشىتىش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، خىزمەت ساقلاش، ئىشتىن قوغلاش، تەكلىپ قىلىشتىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە ھەيئىتى، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بىرلىكتە قايتۇرۇۋېلىنىپ باشقۇرۇلغان كادىرلارغا قارىتا بىر تۇتاش يېزىقچە ئىمتىھان تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 29 كادىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان، بەش كادىر ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولۇپ، كېيىنكى بىر تۈركۈملۈك تەربىيىلەشكە كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر