باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مەنئى قىلىندى

2018.05.09 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار سانجى ئوبلاستى دائىرىسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، كەسپىي تېخنىكوم ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى كۆرسىتىدىكەن. سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، مائارىپنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم يازمىچە ئاگاھلاندۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى، ئەيىبلەپ تەكشۈرۈشنامە يازغۇزۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش ۋە باشقا مۇناسىپ مەمۇرىي جازالارنى بېرىدۇ، تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىپ، مالىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ. شۇ يىللىق يىللىق باھالاشتا يۇقىرى دەرىجىدە لاياقەتلىك بولۇپ باھالىنىشقا بولمايدۇ ۋە ئىككى يىل ئىچىدە ئەلا بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلىدۇ. پەن باشلامچىسى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، شۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئورۇننىڭ شەرەپ نامى بىكار قىلىنىدۇ ۋە تېگىشلىك تەمىناتلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر