خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-، 8- ماي داليەندە چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچراشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
5- ئايدىكى داليەن يېشىلىققا پۈرگەنگەنىدى. شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم كىم جوڭئۇننىڭ شەرىپىگە كەچلىك كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بەردى، بىللە سەيلە قىلدى، چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ ھازىرقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، ئارىدىن 40 نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە جۇڭگوغا مەخسۇس كېلىپ مەن بىلەن ئۇچراشقانلىقى يولداش كومىتېت باشلىقى ۋە چاۋشيەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ـ چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن. يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشالمەن، يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.
كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 3ـ ئايدىن بۇيان، چاۋشيەن ـ جۇڭگو دوستلۇقى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە مول ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بۇ، يولداش باش شۇجى بىلەن بولغان تارىخىي ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئىجابىي نەتىجىسى. ھازىرقى رايون ۋەزىيىتى تېز راۋاجلىنىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، يولداش باش شۇجى بىلەن كۆرۈشتۈم ھەم ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلدىم، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى