باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بالىلار بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇقلار قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا مەجبۇرىي ‏خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈش ۋە ئۆلچەمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشى تېزلىتىلىدۇ

2018.05.09 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۇڭخې 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: يېنىك سانائەت ساھەسىدە، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يورۇتۇش بۇيۇملىرى، بالىلار بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇقلار دېگەندەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ساھەلەرگە قارىتا بىر تۈركۈم مەجبۇرىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈش ۋە ئۆلچەمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشى تېزلىتىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

  يۇقىرىقى باياننى جاڭ چۇڭخې 8- ماي كۈنى جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدا ئاچقان مەملىكەتلىك يېنىك سانائەت سۈپەت ئۆلچىمى خىزمەت يىغىنىدا سۆزلىگەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت كەسپىدىكى ئۆلچەملەر كونىراپ قالدى، بىر قىسىم ئۆلچەملەرنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ قەرەل-ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماس كەلمەيدۇ.

  جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسى ئۆلچەمنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە نۇقتىلىق كۈچەپ، ئۆلچەمنىڭ كونىراپ قېلىشى ۋە ئارقىدا قېلىشى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا ئۆلچەمگە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئويۇنچۇقلار، تۈرلۈك ئۆلچىگۈچ سائەتلەر دېگەندەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ساھەلەردە ئۆلچەمنى خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تېزلىتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن بىردەك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، ئۇنى %95تىن يۇقىرى نىسبەتكە يەتكۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر