باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ توكيوغا باردى، ئۇ 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

2018.05.09 15:49   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ توكيوغا باردى، ئۇ 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 8-ماي كەچ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شېنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ توكيو خانىدا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، ئۇ 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  لى كېچياڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، ياپونىيەگە ئالدىن بارغان دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە دۇنيادىكى ئۈچ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئۆز رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى قوغداش، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە يېتەكلەش، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئەسلىگە كەلگەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە باشلىقلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، رايون تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىش، راۋاجلىنىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ياپونىيە بىلەن بىللە شەرتنامىنىڭ روھىنى قايتا ئەسلەپ، تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن تۆت سىياسىي ھۆججەتتە بېكىتىلگەن پىرىنسىپلار ئاساسىدا، ئورتاق تىرىشىپ، ئۆزئارا يۈزلىنىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن نورماللىشىشى، ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…