باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى سۈن خۇەيشەن دېلوسىغا 1- سوتتا سوت ئېچىلدى

2018.05.11 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈن خۇەيشەن سوراق قىلىنماقتا (سۈرەت خۇلۇنبىر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تور بېكىتىدىن كەلگەن)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى خۇلۇمبېر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە، 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خۇلۇنبېر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى سۈن خۇەيشەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1- سوتتا ئاشكارا سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خۇلۇنبېر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1994- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، جاۋابكار سۈن خۇەيشەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، كارخانا تىجارىتى، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە ئۇلارغا ياردەم قىلغان. 2000- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، سۈن خۇەيشەن بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق باشقىلار بەرگەن مال-مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز ھالدا قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، 39 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، سۈن خۇەيشەن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش رەسمىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆز پىكىرلىرىنى تولۇق بايان قىلدى، سۇن خۇەيشەن يەنە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز سۆزىنى بايان قىلدى، ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى ۋە توۋا قىلدى. مەملىكەتلىك، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ۋە خۇلۇنبىر شەھەرلىك ئۈچ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 60 نەچچە كىشى سوتقا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سوت مەيدانىدا سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر