باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان «بوغدا كۆلى كاتتا سوۋغاتلار جەمگاھى» ماركېتىڭ سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2018.05.14 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ: تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەت ئۆرپ – ئادەت باغچىسى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى نامىنى ۋە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تايانچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىدىغان ۋە ساتىدىغان ‹‹ساياھەت›› ماركېتىڭ سۇپىسى ‹‹بوغدا كۆلى كاتتا سوۋغاتلار جەمگاھى›› ناملىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ سۇپىسىنى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

  ‹‹بوغدا كۆلى كاتتا سوۋغاتلار جەمگاھى›› تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئۆرپ – ئادەت باغچىسى بىۋاسىتە سېتىش بايراقدار دۇكىنىدا، شىنجاڭنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۆزگىچە داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بار ئىدى. ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق 500 نەچچە خىل داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.

  فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بوغدا كۆلى كاتتا سوۋغاتلار جەمگاھى›› فۇكاڭ شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازاردا مەشغۇلات قىلىش، كارخانا باشقۇرۇش، ئۆلچەملىك يۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ سۇپىسى. بۇ سۇپا تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت ‹‹قوش ئەۋزەللىك››كە تولۇق تايىنىپ، ‹‹ساياھەت›› يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاپ، تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ ۋە سېتىپ، ‹‹بوغدا كۆلى خاتىرىسى››نى كۈچەيتىپ، ‹‹بوغدا كۆلى تەسىراتى››نى ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركېتىڭ ماركىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

  شۇ كۈنى، چاڭشادىن بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن شۈ خانىم شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن بىر يەشىك سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغاندا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، ھەر خىل داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەتكىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم.

  ماركېتىڭ سۇپىسىنى باشقۇرغۇچى كارخانا، شىنجاڭ غەربىي يۇرت ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى شىنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ بىر كەسىپ گۈللەنسە ھەممە كەسىپ گۈللىنىدىغان ھەمتۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۇسۇلى ۋە يولىنى كېڭەيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر