- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى
2018.05.10 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 9-ماي يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى شىمالىي جۇڭگو رايونى، شەرقىي شىمال رايونى، شەرقىي جۇڭگو رايونى، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى، جەنۇبىي جۇڭگو رايونى، غەربىي جەنۇب رايونى، غەربىي شىمال رايونىغا ئەۋەتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈش مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى قاپلايدىغان بولۇپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا ئالدىن خەۋەر قىلماي ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئوبيېكتىپ ئىگىلەيدىكەن.
ئۇندىن باشقا، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ سىياسىي يارقىن نۇقتىلىرى، تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئىگىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر