باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تاماقنى تېز يېگەن ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ

2018.05.14 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ياپونىيە ئوكاياما ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار مەكتىپى ۋە ساقلىقنى ساقلاشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بىر تۈر ئورتاق تەتقىقاتىدا، مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: تاماق يېيىش سۈرئىتى ئادەمنىڭ سەمىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ھەمدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىلدۇر، يەنە كېلىپ، بۇنىڭدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.

  مەزكۇر تەتقىقات ئۆمىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان ھالدا، سېمىزلىك بىلەن تاماق يېيىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تاماق يېيىش سۈرئىتى تېز بولغان كىشىلەر تاماق يېيىش سۈرئىتى ئاستا بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاسان سەمرىپ كېتىشى 4.4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ھەمدە ئاسان سەمرىپ كېتىش نىسبىتى ئەرلەردە ئاياللارغا قارىغاندا 2.8 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

  ئۇندىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دەپ قارىغان: تاماقنى تېز يىيىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئالدى بىلەن «ياخشى چايناپ يېيىش» تەك ساغلاملىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشى ۋە سېمىزلىكنى داۋالاش ساھەسىدە تەۋسىيە قىلىنغان ئادەتنى، يەنى بىر يۇتۇم تاماقنى 20دىن 30 قېتىم چايناپ يېيىشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرۈش دەرۋەقە تەس. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، پەقەت ئاستا-ئاستا چايناپ يېيىشتەك ساغلاملىق ئېڭى بولسىلا، ھېچ بولمىغاندا بىر چىشلەمنى 20 قېتىم چاينىغاندا، بۇنىڭدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بارلىققا كىلىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئادىتى چوڭلارنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە باشقىلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى ئۇ خىل ئادەت سېمىزلىكتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق بولغاندىن باشقا يەنە، ئېڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پەرۋىشىگىمۇ چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر