باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېيدا 18ـ تۈركۈمدە كونگو(كىنشاسا)غا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

2018.05.14 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، خېبېي ئۆلكىسى 18ـ تۈركۈمدە كونگو(كىنشاسا)غا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى يولغا چىقىپ كىنشاساغا بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياردەم قىلىنىپ قۇرۇلغان دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا چەت ئەلگە ياردەم بېرىشتىكى مۇددىتى ئىككى يىللىق داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر داۋالاش ئەترىتى 18 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچكى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دېگەندەك ئون نەچچە بۆلۈمگە چېتىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى داۋالاش ئەترىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار يېقىندا كونگو(كىنشاسا)دا يەنە بىر قېتىم ئېبولا قاناش قىزىتمىسى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن تەغدىردىمۇ، ئۇ داۋالاش خادىملىرى يۇقۇم ئەھۋالىدىن قىلچە قورقماي، ئۆز قەرەلىدە كونگو(كىنشاسا)غا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقچى بولدى.

  داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ فۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەترەت ئەزالىرى ياردەم ئالغۇچى دۆلەتنىڭ شۇ جايدىكى كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئاساسەن تاللانغان بولۇپ، مەزكۇر ئەترەتتىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ چەت ئەللەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىسى بار، كلىنىكىلىق تەجرىبىسىمۇ مول، شۇڭا ئۇلار ياردەم ئالغۇچى دۆلەتكە بارغاندىن كېيىن، داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر