باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 40 نەپەر قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بالا ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدۇ

2018.05.14 16:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز ، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «زېرەكلەر ھەرىكىتى» جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى يېقىندا شىنجاڭدا يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 40 نەپەر بالىنى تاللاپ ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 30 دىن ئارتۇق قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بالا دەسلەپكى تاللاشقا كىرگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «زېرەكلەر ھەرىكىتى» جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىنى جۇڭگو ئۆسمۈر بالىلار فوندى، جېجياڭ ئۆلكىسى مۇھاجىر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، مىنشىڭ ئاكسىيەسى، جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلى، خاڭجۇ شەھىرى ۋېنجۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسى شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرخانا ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلەت ھىمىت مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، تەربىيەلەش ئارقىلىق بالىنىڭ ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، قىزىققۇچىلار دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. بىر سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ باھاسى 120 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، نامرات ئائىلە ئۈچۈن بۇ بىر زور چىقىم ھېسابلىنىدۇ.

  «زېرەكلەر ھەرىكىتى» جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىنىڭ مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئوپېراتسىيەگە مەسئۇل بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىسى ھازىر ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شىنجاڭ بۇ قېتىملىق جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىنى يولغا قويغان تۇنجى بېكەت شۇنداقلا ياردەمگە ئېرىشكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ، ئەنخۇي، خېبېى، سىچۈەن قاتارلىق جايلارمۇ بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر