باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۈنەس دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى 7-ئايدا پۈتۈپ، قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى

2018.05.11 17:17   مەنبە: خەلق تورى

كۈنەس دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى  7-ئايدا پۈتۈپ، قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قۇرۇلۇش قىلىشى نەتىجىسىدە، كۈنەس دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە ئاسفالىت ياتقۇزۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، 7-ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قۇرۇلۇش ئىلى دەرياسى تارماق ئېقىنىدىكى بىر بەلگە خاراكتېرلىك كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ.

  كۈنەس دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى دۆڭمازاردىن بىنەمگىچە بولغان بۆلەكتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 72 مىليون يۈەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1117 مېتىر، جەمئىي 37 كۆۋرۈك ئەگمىسىدىن تۈزۈلگەن، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كۈنەس دەرياسىنى تۆت قېتىم كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاساسىي دەريا ئورنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنى سەككىز مېتىر، دەريانىڭ ئەڭ كەڭ بۆلىكى 240 نەچچە مېتىر كېلىدۇ.

  كۈنەس دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى غۇلجا ناھىيەسى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىنغان، 1-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىدە ياسالغان، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىكى 24.5 مېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى سائىتىگە 80 كىلومېتىر.

  دۆلەت يولى 577-لىنىيەسى دۆڭمازاردىن بىنەمگىچە بولغان يول بۆلىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ پېيگو مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملاندى، بۇنىڭغا ھازىرغىچە جەمئىي سېلىنمىنىڭ % 80 ئىشلىتىلدى، پۈتكۈل تۈردە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قاتناش باشلاش پىلانلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…