باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون يىللىق قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە نەزەر

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئون يىللىق قايتا قۇرۇشىدىن خاتىرە

2018.05.11 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10 يىل ئىلگىرى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيەسىدە پەۋلقۇلئاددە زور يەر تەۋرىگەندە بېيچۈەن ناھىيىسى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، كونا ناھىيە بازىرىدىكى 164 مىڭ كىشى ئومۇميۈزلۈك ئاپەتكە ئۇچراپ، 142 مىڭ كىشى ئۆي ماكانسىز قالدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى؛ پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 60 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

  10 يىلدىن كېيىن، بېيچۈەن يېڭى شەھىرىگە يۇقىرىدىن نەزەر سالساق، كۆز ئالدىمىزدا باشقىچە مەنزىرە جىلۋىلەندى:

  ۋېنچۈەن ناھىيەسىنىڭ يىڭشيۇ بازىرى «12-ماي» ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى بولۇپ، ھازىر بۇ جايدا يېڭى بىر شەھەر قەد كۆتۈردى. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بازار يوللىرىنىڭ يۈزى پاكىز بولۇپ، ئاشپۇزۇل، چايخانا، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكانلىرى زىچچىدە ئېچىلدى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ يان تېلېفونىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى پات-پات كۆرگىلى بولىدۇ. يىڭشيۇ بازىرى جۇڭتەنپۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۈنبىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر يىڭشيۇنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا زور يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھەببىتى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەچكە ھازىرقى يىڭشيۇ ۋۇجۇدقا كەلدى، بۇنى ئۇنتۇمايمىز.

  ۋېنچۈەن ناھىيەسى يىڭشيۇ بازىرىنىڭ يۈزىشى كەنتى گۈل دېڭىزىغا ئايلانغانىدى، ھەر خىل رەڭدىكى چۇغلۇقلار پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى كىشىنى مەست قىلاتتى. سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى ساياھەتچىلەر كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈۋاتاتتى.

  10 يىل ئىلگىرىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە پۈتۈن كەنتتىكى ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ، 40 نەچچە كىشى قازا قىلدى. 10 يىل قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنتتىكى 200 نەچچە ئائىلىلىك 800دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسى داچا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاشتى.

  شۇ جايدىكى بىر كادىر مۇنداق دېدى: ۋېنچۈەن ناھىيەمىز خارابىلىكتىن گۈللىنىشكە يۈزلەندى، ئامما بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ھەر يىلى بايرامدا ھەر بىر ئائىلىلىك دۆلەت بايرىقى ئېسىپ، ۋەتەن ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى ئەسكەرتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر