باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسى ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنىڭ يۇقۇم مەنبەسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

2018.05.14 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكى بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسىنىڭ يېقىندا تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن، ئۇلار يۇقۇش مەنبەسىنىڭ بىرى ئىكەن، ئۆيدە كىچىك بالىلارغا قارىغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: 20 نەچچە خىل ئۈچەي يولى ۋىرۇسى قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ نەم ئىسسىق مۇھىتتا ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. قول- پۇت-ئېغىز كېسىلى بار بىمارلار بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بۇ باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، كىچىك بالىلار كېسەل بولغاندىن ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

  ليۇ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: «ھەممە ئادەم بۇ ئۈچەي يولى ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، لېكىن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن، يۇقۇملانغان بىلەنمۇ كېسەل بولماي، يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ قالىدۇ». بىمارلار، يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئالامەتسىز ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى كەڭ تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بالا بار ئۆيلەردىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ ئوخشاشلا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قارىغۇچىلار بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم قولىنى يۇيۇشى كېرەك، بوۋاقلارنىڭ كىيىم- يوتقان، زاكىلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاش، ئاپتاپقا قاقلاش ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىش لازىم، بوۋاقلار ۋە بالىلار ئىشلەتكەن سۈت بوتۇلكىسى، سوسكا ۋە بالىلار ئىشلىتىدىغان قاچا- قۇچىلارنى تولۇق تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، يەنە ھاۋا ئالمىشىشى ناچار، ئادەملەر توپلاشقان جامائەت سورۇنىغا بالىلارنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر