باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئالاقىلىشىۋاتىدۇ

2018.05.11 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 10-ماي قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: 8-ماي، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھازىر، ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت ئەترىتى كېيىنكى قەدەمدىكى كېڭىشىشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئالاقىلىشىۋاتىدۇ.

  يىغىندا مۇخبىر سورىغان: «ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە جۇڭگوغا كېلىپ كېڭەشتى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كېڭىشىش نەتىجىسىگە قانداق قارايدۇ، ئىككى تەرەپ سودا ئۇرۇشىدىن ساقلىنالامدۇ؟ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىغا بېرىش ئالدىدا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟» دېگەن سوئالغا گاۋ فېڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: جۇڭگو ئۇرۇش بولۇشىنى باشتىن-ئاخىر خالىمايدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىز سودا ئۇرۇشىدىن قورققانلىق ئەمەس، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش پىرىنسىپى بويىچە، داۋاملىق چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇپ كونترول قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قىممىتى 50 مىليارد دوللار بولغان جۇڭگو تاۋارلىرىغا %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەھدىتىگە قارىتا، 15-ماي ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 22-ماي جامائەتنىڭ پىكىر سۇنۇشى توختىتىلىدۇ، مۇئاۋىن زۇلى ليۇ خېنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىگە قانداق قارايسىز، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ياكى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا، گاۋ فېڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئامېرىكا ئېلان قىلغان 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى باج ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە قارىتا جۇڭگونىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق. بىز بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك، سودا قورۇقچىلىقى ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكا چوقۇم تەھدىتىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. بىز دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز. جۇڭگونىڭ مەيدانى ئۆزگەرمىدى ۋە ئۆزگەرمەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر