- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئۈستىدە ئۈچ نۇقتىدىن تەكلىپ بەردى
2018.05.10 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاللىقاچان تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان ئۇنىۋېرسال رايون تەشكىلاتى بولۇپ قالدى. ساياھەت بايلىقى مول، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۇچراشتى. جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جىنزاۋ 9-ماي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ساياھەت تورتىنى يەنىمۇ چوڭايتىش تەكلىپى بەردى.
5-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇبېينىڭ ۋۇخەندە باشلانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، لى جىنزاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن خەلقئارا ھەمكارلىق ساھەسىدە، ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا ئورتاق تونۇش كۆپ، ئىختىلاپ ئاز، ئىستىقبالى پارلاق، ئۇنى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئەۋزەل يۆنىلىشى قىلىش لازىم. لى جىنزاۋ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەش؛ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيە- سىياسەتلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاش؛ ساياھەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ باشقا كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر